
ئۆز مۇخبىرىمىز ۋۇ دەن
"خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئاساسىي مائارىپتا ئەلا سۈپەتلىك بايلىق تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، بىر پۈتۈن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك."
2026-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:
سېنتەبىردىكى سەھەردە فۇجيەن ئۆلكىسى فۇدىڭ شەھىرى دىشى مەكتىپىنىڭ رەڭلىك يۈگۈرۈش يولىدا بالىلار چېنىقىۋاتاتتى. ئوقۇتۇش بىناسىدىكى "ھەمبەھرە دەرسخانا"دىكى چوڭ ئېكران ئېچىلىشنى جىمجىت كۈتۈپ تۇراتتى. مەكتەپ مۇدىرى چېن شىدى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ يېزا مەكتىپىمىزنىڭ مەكتەپ ياتىقى يېڭىلاندى، ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيدى، ئىلگىرى شەھەرگە ئوقۇشقا كەتكەن بىر قىسىم بالىلارمۇ قايتىپ كەلدى."
مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسى ئاساسىي مائارىپتا.
بۇ يىل 7-ئايدا، مەملىكەتلىك ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك" "خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي مائارىپتا ئەلا سۈپەتلىك بايلىق تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، بىر پۈتۈن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك."
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست مەكتىپىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: "ئاساسىي مائارىپ خەلق مائارىپى سىستېمىسىدا ئۇللۇق، باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ، جەزمەن ئورۇننى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپتىن تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك."
سەمىمىي تاپشۇرۇق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي مائارىپنى ئۇللۇق، باشلامچى خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئادىللىقنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئاساسىي مائارىپ قەدەمنى پۇختا باستى.
يەسلى مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %92.90، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %96.10، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %92.00... بۇ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار نوپۇسى كۆپ دۆلەت جۇڭگونىڭ ئاساسىي مائارىپتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىدۇر.
ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇشتىن ياخشى ئوقۇيالايدىغان بولۇشقىچە، كۆلەمنى كېڭەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكىچە، ئاساسىي مائارىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىگە پائال ئىنكاس قايتۇردى.
2025-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى بىر يىللىق مائارىپتا تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، 14 مىليوندىن ئارتۇق بالىغا نەپ يەتكۈزۈلدى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، گۇرۇھلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق شەھەر بىلەن يېزىلار، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى مائارىپ پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىلدى؛ بىللە كەلگەن پەرزەنتلەر، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ مائارىپ قوبۇل قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بارغانسېرى تاكامۇللاشتۇرۇلدى.
دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، ئاساسىي مائارىپ يىلتىزنى يېتىلدۈرۈپ روھنى تاۋلىدى.
يىلتىز يېتىلدۈرۈلگەندىلا، شاخلار تۈز بولىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمىنى سىستېمىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1200 دىن ئارتۇق ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئوقۇتۇش بازىسى قۇرۇلۇپ، زور بىر تۈركۈم "ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى" "مەيدان-سارايلاردىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى" ماركىسى شەكىللەندۈرۈلدى.
گەنسۇ خۇينىڭدا، داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە "بۈيۈك ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس"نى ئاڭلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ئارقىلىق ئېتىقاد نۇرىنى چاقناتتى؛ چۇڭچىڭ تۇڭلياڭدا "شاۋيۈن ئىدىيەۋى-سىياسىي" سەرخىل دەرسى ئوقۇغۇچىلارنى قەھرىمانلار روھىنى ھېس قىلىشقا، ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا يېتەكلىدى. .."بۈيۈك ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس" تۈركۈم-تۈركۈم دەۋر يېڭى كىشىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندى.
ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ تەگ رېڭى تېخىمۇ روشەنلەشتى.
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ "ئاساسىي مائارىپنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئىش ئىكەنلىكى"نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، "خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىق تەمىناتىنى كېڭەيتىش، بىرپۈتۈن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك" دەپ يوليورۇق بەردى، "مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ساغلاملىق بىرىنچى دەيدىغان مائارىپ ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك" دەپ تاپىلىدى، "ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك" دەپ تەكىتلىدى.
دەرس جەدۋىلىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ بىۋاسىتە بولدى. بېيجىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ "تەنتەربىيەگە دائىر سەككىز ماددا"سىنى ئېلان قىلىپ، "نەسىھەت دەرسى" ۋە "تەرسىز" تەنتەربىيە دەرسىنى توستى؛ شەندۇڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سۈنئىي ئەقىلگە دائىر ئومۇمىي ساۋات مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، شارائىتى بار مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسنى تەسىس قىلىشى، كېڭەيتىشىنى قوللىدى؛ خۇنەن گۈزەللىك تەربىيەسى ئىدىيەسىنى ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا سىڭدۈرۈپ، دەرسنى "گۈزەللەشتۈردى"...ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن ئادەم تەربىيەلەش ئېكولوگىيەسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.
كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئاساسىي مائارىپ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچى مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى.
جېجياڭ جوۋشەندە، 90-يىللاردا تۇغۇلغان ئوقۇتقۇچى شېن مېڭۋېي ئارال ھالقىپ ئوقۇتۇش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەن-مائارىپ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش كۆۋرۈكىنى ئارالدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا سالدى. چىڭخەي يۈشۇدا، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋاڭ شۆليەن دېڭىز يۈزىدىن 3700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ ئۆگەتكىنى بىلىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈمىد بولدى.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، "دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى" ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، "ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى"نى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش، "دۆلەت دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك تەربىيەلەش پىلانى"نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، "كۈمۈش ياشلىقلار تەلىم بېرىش پىلانى"دەرسخانىغا قايتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ بالا ئىشىك ئالدىدا ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئېرىشىش، ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭلىق يارىتىش ئاساسىي مائارىپنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتتى.
يېقىندا چىقىرىلغان «مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانى»دا "مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش" مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ "ئاساسىي نۇقتا" پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 1000 دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش، ئالاھىدە مائارىپنى سىفەن تۈرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش. ..
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە، ھەربىر بالا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئۈمىد. بۇ ئۈمىد بالىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئىچىدە ئېقىپ، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىدا جىلۋىلىنىدۇ.
ئاساسىي مائارىپ زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ. ھەربىر بالا ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولالىغاندا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ