
يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يۈرۈشتۈرۈش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنى تەشكىللەپ مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، توشۇش كۈچى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش كۆلىمىنى ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش جەريانىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ