دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

2026.09.08 14:20 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ياپونىيەنىڭ قالدۇق قورال-ياراغلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ھەمدە 12 دۆلەتنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. بۇ مەزگىلدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ خۇيچۇن شەھىرى، دۇنخۇا شەھىرى ۋە خاربالىڭغا بېرىپ، ياپونىيەنىڭ قالدۇق قورال-ياراغلىرىنى قېزىش، يىغىۋېلىش، كۆيدۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلات نەق مەيدانىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر ياپونىيەنىڭ قالدۇق خىمىيەلىك قوراللىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنىنى يەنىمۇ تونۇپ يېتىپ، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ «خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ياپونىيە تەرەپنى مەجبۇرىيىتىنى بالدۇرراق ھەقىقىي ئادا قىلىپ، جۇڭگوغا تاشلىۋەتكەن خىمىيەلىك قوراللارنى ئومۇميۈزلۈك، پاكىز، تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە پاك زېمىننى بالدۇرراق قايتۇرۇپ بېرىپ، ئەھدىنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان "خىمىيەلىك قورالسىز دۇنيا" دېگەن يۈكسەك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىشىنى قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ