
يانفون كۆرۈش، قىسقا سىن كۆرۈش نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندى، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت كۆرسە كۆزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. دوختۇرلار مۇنداق ئەسكەرتتى: ياشانغانلار كۆزىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا تۆۋەنلەۋاتقان بولغاچقا، ئۇزاق ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتا ئېكرانغا تىكىلىپ قارىغاندا، ئاسانلا كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز چارچاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارىۋاتتا يېتىپ يانفون ئوينىغاندا يەنە گىلاۋكوما كېسىلىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دوختۇر ھەر كۈنى يانفون كۆرۈشنى ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە كونترول قىلىش، ھەر 30 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە يىراققا قاراپ كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ