
مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە 42-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەشۋىق قىلىش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، قاتتىق، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەربىر بالىنى كىشىلىك ھاياتىدىكى ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، كىشىلەر ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىدىن چىقىش قىلمىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىياپىتى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبىدە غايە بولغاندىلا، بالىلارنىڭ نەزەرىدە كەلگۈسى بولىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈردى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىدىن چىقىش قىلمىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، بۇ ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنىڭ تۆۋەن چېكى، ھەم ھەربىر ئوقۇغۇچى، ھەربىر ئائىلىگە بېرىلگەن ئەڭ تەنتەنىلىك ۋەدە.
مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتقان، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان تېخىمۇ كۆپ تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىلارغا "مەنمۇ بولالايدىغان قىياپەت» دېگەننى كۆرسىتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئادەتتىكى كەسىپ بولماستىن، بەلكى دۆلەت كۆرەلەيدىغان، دەۋر ئېھتىياجلىق بولىدىغان، كەلگۈسى ئىشەنچ قىلالايدىغان كەسىپ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ