«شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2026.09.08 14:18 مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك «شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلدى) ناملىق كىتاب ئالىي مائارىپ نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

«ئومۇمىي بايان» مۇقەددىمە ۋە توققۇز باب تېكىستتىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 170 مىڭ خەت ئەتراپىدا بولۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى قاتارلىقلار سىستېمىلىق بايان قىلىنغان، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەزەرىيە يۈكسەكلىكى ۋە ئەمەلىيەت جەۋھىرى، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكى تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن. «ئومۇمىي بايان» ئەسلىي ئەسەر، ئەسلىي تېكىستكە سادىق بولۇپ، سىستېمىلىق، ئىلمىي پىرىنسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، بۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىدىكى نۇقتىلىق دەرسلىك، شۇنداقلا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ