
يېقىندا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان مۇزتاغ چوققىسى 2-نومۇرلۇق مۇزلۇقىدا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى يان تېلېفونى بىلەن قار كۆچكۈنى كۆرۈنۈشىنى خاتىرىلىۋالدى. كۆپ مىقداردىكى قار-مۇزلار تاغ چوققىسىدىن تاغ گەۋدىسىنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز مېتىردىن ئارتۇق كەڭلىكتىكى، نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى قار تۇمانى، قار تېمى ھاسىل قىلىپ، قار ـ مۇز پارچىلىرىنى ئېلىپ تاغ جىلغىسىدا ئۆركەشلەپ ئاقتى.
مۇخبىرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قار كۆچكۈنى ئادەمسىز رايوندا يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش غول يولىدىن بىرقەدەر يىراق بولۇپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، مۇزتاغ چوققىسىنىڭ ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولۇپ، چوققىسى نەچچە يۈز مىليون يىلدىن بۇيان قار-مۇز ۋە مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىپ كەلگەن. 2-نومۇرلۇق مۇزلۇق سىرتقا ئېچىۋېتىلمىگەن خەتەرلىك رايونغا تەۋە بولۇپ، مۇزلۇق ھەرىكىتىنىڭ خەۋپ-خەتىرى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ