
ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا كەڭ دائىرىدە توپلاش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 2026-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان ھەربىي (ساقچى) ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە، بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى "قوش بىرىنچى قاتار" قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە قۇرۇلۇش پەنلىرى بويىچە شۇ يىلى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى 2025-يىل 12-ئايدىن 2027-يىل 6-ئايغىچە بولغان شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلار 2026-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە "ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورى" (http://81rc.81.cn ياكى http://www.81rc.mil.cn) ئارقىلىق، كونكرېت قوبۇل قىلىش ئورنى ۋە ئۆلچەملىك شەرتلەرنى سۈرۈشتۈرسە ھەمدە توردا تىزىملاتسا بولىدۇ. كېيىن ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە، تەكشۈرۈپ تاللاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي جەھەتتىن باھالاش، كەسپىي جەھەتتىن باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ