
تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىيلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئالدامچىلىقنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشى، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا گۇڭئەن مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان "دۆلەتنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش AI" ئەپ دېتالى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى.
"دۆلەتنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش AI" ئەپ دېتالىغا چوڭ تىل، كۆپ مودېللىق مودېل ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە تېخنىكىسى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئابۇنىچى يان تېلېفون ئارقىلىق گۇمانلىق كۆرۈنۈشنى كىرگۈزسە، بۇ ئەپ دېتالى خەۋپ-خەتەرگە مۇھەكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، ئالدامچىلىق تۇزىقىنى پەرقلەندۈرۈش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى يوللاشنى تاماملاپ، "يېزىق + ئاۋاز + سىن" قاتارلىق كۆپ ئۆلچەمدە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى پارچىلاپ، پەرقلەندۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ