پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش-ئورۇن بەلگىلەش ئۆلچەملىك پونكىتى 7569 غا كېڭەيدى

2026.09.07 15:17 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەت بويىچە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش-ئورۇن بەلگىلەش ئاساسىي ئۆلچەم پونكىتىنىڭ سانى 7569 غا يېتىپ، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مۇخبىرنىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش-ئورۇن بەلگىلەش ئۆلچەملىك پونكىت تورى مۇلازىمەت سانلىق مەلۇماتى ھوقۇق بېرىپ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۆلچەملىك پونكىتلار دۆلەت دەرىجىلىك پونكىتتىن 420 نى، ئۆلكە دەرىجىلىك پونكىتتىن 3293 نى، ھەمكارلاشما پونكىتتىن 3856 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش-ئورۇن بەلگىلەش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە "بىر تور"نى ئورتاق تەشكىللەپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئورمان، ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەبىئىي ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئېنېرگىيە ئۇچۇرى، قۇرۇلۇش، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋاقىت-بوشلۇق مۇلازىمەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ