
«ئۈچ، ئىككى، بىر، بىز جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا كەلدۇق!» يازنىڭ ئاخىرى، كۈزنىڭ باشلىرىدا، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدىكى چىشىڭ مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر گۈلخان ئالدىدا توپلىشىپ، رىياسەتچىگە ئەگىشىپ رىتىمغا ئەگىشىپ بەدىنىنى تولغاۋاتاتتى، كۈلكە سادالىرى كەچكى شامالدا خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىغا تارالماقتا ئىدى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ داشىڭئەنلىڭ ۋىلايىتى موخې شەھىرىگە جايلاشقان بۇ كىچىك كەنت قۇتۇپ نۇرى، قار-مۇز، چەكسىز ئورمان قاتارلىق ئۆزگىچە بايلىقىغا تايىنىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، شىمالىي قۇتۇپ كەنتى مول ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتى ۋە سالقىن، يېقىشلىق كىلىماتىغا تايىنىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سالقىنداپ يازنى ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلدى.


شىمالىي قۇتۇپ كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، ساياھەتچىلەر بەزىدە دەريا بويىنى بويلاپ سەيلە قىلسا، بەزىدە قەدىمىنى توختىتىپ "جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپى" ئابىدىسى، ئەڭ شىمالىي باش تېما پوچتىخانىسى، "ئالتۇن خوراز تاجى" قاتارلىق داكا قىلىدىغان جايلاردا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتتى. ئۆزگىچە ئېكولوگىيە ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنىڭ پايدىسىدا، شىمالىي قۇتۇپ كەنتى كۆپ مەنبەلىك ئىستىراھەت ھېس قىلىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ھەربىر ساياھەتچىنى شىمالىي كەڭلىك 53 گىرادۇسلۇق چېگرا رايوندىكى كىچىك كەنتتە راھەت، بەخىرامان دەم ئېلىش پەيتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.


موخې شىمالىي قۇتۇپ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى شى چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئالتۇن خوراز تاجى يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلىش بازىسى، شىمالىي قۇتۇپ قۇملۇقى چوڭ چىنە چېيى ئۆرپ-ئادەت ھېس قىلىش رايونى قاتارلىق يېپيېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ياز، كۈز ئىككى پەسىلدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلەرنى تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مول ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىپ، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىگىلا خاس بولغان بۇ سالقىن، راھەتتىن بەھرىلەندۈردۇق. ھازىر شىمالىي قۇتۇپ كەنتىگە كېلىپ "جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپى"نى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بىز ساياھەت يانداش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەنزىرە رايونى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئويۇن قويۇش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى ئۇزارتىپ، كۆپچىلىكنى تۇرۇپ قېلىش، خۇشال ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىنىڭ ‹جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپى›دىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن ماركىسىنى داۋاملىق جۇلالاندۇرىمىز.»
مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي قۇتۇپ كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە ساياھەتچىلىكىنىڭ پايدىسىنى كۆردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئاشخانا ئېچىپ، ئىشىكى ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، چىشىڭ مەيدانىدىكى گۈلخانلار بارغانسېرى لاۋۇلداپ ياندى، لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت يالقۇنى ساياھەتچىلەرنىڭ "جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى تاماشا قىلىش"تىكى خۇشال چېھرىنى قىزارتىپلا قالماي، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتتى. ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ساياھەتچىلەر ئېقىمى بىلەن ئۇزاققىچە ياڭراپ تۇرىدىغان خۇشال كۈلكە سادالىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىي چېتىدە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھېكايىلىرىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.
خەلق تورى مۇخبىرلىرى جاڭ جېشىن، شاڭچېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ