
دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئېرنىنو ھادىسىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ھەمدە داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ھادىسە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دەرىجىلىك ھادىسىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ھۆل-يېغىن ۋە تېمپېراتۇرا ئەندىزىسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار ناچار ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىنىڭ 2027-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلنىنونىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان يادرولۇق كۆرسەتكۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېكۋاتور ئەتراپىدىكى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم دېڭىز تەۋەلىكى (يەنى نىنو 3.4 رايونى)نىڭ دېڭىز يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن 2 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە داۋاملىق ئۆرلىگەن، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئادەتتىكى يىللاردىكى سەۋىيەدىن 2.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ ئېرنىنونىڭ يەنىلا داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تېخىمۇ كەسكىن بولغىنى شۇكى، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىككىلەمچى سىرتقى قەۋىتىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن 8 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ خىل بىنورمال ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ توپلىنىشى ئېرنىنونىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن. دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئېلنىنونىڭ 2027-يىل 2-ئايغىچە داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى %100 كە يېقىنلىشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ