ياشلار ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ قۇۋۋەت قوشتى ("15-بەش يىل"دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش)

2026.09.04 16:47 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ياڭ خاۋ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون "رەقەملىك باشقۇرغۇچى"غا ئايلىنىپ بۇيرۇقنى ئاپتوماتىك ئىجرا قىلدى، ماشىنا ئادەملەر كۆپ خىل شەكىلدە زاۋۇت ۋە ئائىلىلەرگە كىردى، ھېسابلاش ئەسلىھەلىرى سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەندى...يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن جايدا سۈنئىي ئەقىل باش تېما قىلىنغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن ياشنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەنزىرە، يېڭى قوللىنىش تېز بارلىققا كېلىپ، ياشلىق كۈچى ئۇرغۇدى.

پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ياش ئىختىساسلىقلار سۈنئىي ئەقىل ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يولىدا باش كۆتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: "دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەركىزىنى ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشىنىپ، تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشىنى، باش رولچى بولۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك."

15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: "يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ياشلىق باھارى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنىڭ تىرىشىپ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە باشلامچى ۋە ئاساسىي قوشۇن بولۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك." كەڭ ياشلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تالانتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

ئاچقۇچلۇق جايلارغا كۈچەپ، ياشلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش

بۇ يىل 2-ئايدا، '15-بەش يىل" باشلانغان يىلدىكى تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى دۆلەت ئۇچۇر ئىجادىيەت باغچىسىغا كېلىپ، "سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا" دەپ تەكىتلىدى.

يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك نىشان ماتېرىيالى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق كەمتۈكلۈك بولۇپ، تېخنىكا توسۇقى يۇقىرى، ئۇزاقتىن بۇيان ئىمپورتقا تايىنىپ كەلگەنىدى. شاڭخەي ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش ياش زەربىدارلار ئەترىتى ئىشنى نۆلدىن باشلاپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك نىشان ماتېرىيالىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى.

"ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك نىشان ماتېرىيالىنى تەييارلاشتىكى قىيىن نۇقتا ئىش تەرتىپىدە ھەممە ھالقىلارنى چىڭ ئۇلاشتا، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇشىدا." كوللېكتىپ ئەزاسى چيەن خەن مۇنداق تونۇشتۇردى: خام ماتېرىيال پاراشوكىنى تەييارلاشتىن ماتېرىيالنى شەكىلگە كەلتۈرۈپ كۆيدۈرۈپ تۇتاشتۇرۇشقىچە، قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىنكى قەدەمدە ئەمەلىي قوللىنىشقىچە، ياش زەربىدارلار ئەترىتى خام ماتېرىيالنىڭ نىسبىتى، قېلىپ قۇرۇلمىسى ۋە كۆيدۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش پارامېتىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى، يەنە مەخسۇس سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە تەكشۈرۈش سېپى قۇردى.

كېچە-كۈندۈز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە سىناپ ئەۋلاد يېڭىلاش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن نىشان ماتېرىيالنى دۆلىتىمىزدە مۇقىم مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. "ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ئەترەت كۆپ يۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناشنى بىرلىكتە تاماملىدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 20 ھەسسە قاتلاندى" دېدى چيەن خەن.

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە، ياشلىق قوشۇن ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى، ياشلىق باھارىدىكى ئىجادىيەت جۇلالىنىپ نۇر چاچتى.

چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىغا ئىنتىلىشتە، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشى كوللېكتىپىدىكى نۇرغۇن ياش پەن تەتقىقات خادىملىرى يادرولۇق سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاتناشتى؛ چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈشتە، "جياۋلۇڭ" ناملىق چۆككۈنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش كوللېكتىپىدىكى ياش تېخنىك خادىملار مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى؛ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە، بىر تۈركۈم ياش ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپلىرى ھېسابلاش ئۇسۇلى، چوڭ مودېل قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ..

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلىدى، قوللىدى؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ياش زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلارنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، ئېغىر ۋەزىپىسىگە ئاتلىنىشقا قوزغىتىشنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە بىرىكىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ..تېخىمۇ كۆپ ياش ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە دادىل ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ يارىتىش پىلانىدا، 45 ياشتىن تۆۋەن ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تۈر مەسئۇلى بولۇش نىسبىتى %40 تىن ئاشتى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ %80 تۈرىنى 45 ياشتىن تۆۋەن ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلار ئۈستىگە ئالدى، يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

ئايلاندۇرۇش نۇقتىسىغا قاراپ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تېز يۈزلەندۈرۈش

2025-يىللىق جۇڭگو ياشلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە "ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش" بەسلىشىش مۇسابىقىسىدە، چاڭشا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ "'قايتا يارىتىش' ئاۋانگارتى − تونېل قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرىنى قايتا ياساشتىكى يول باشلىغۇچى" تۈرىدە "سەھنە بېشى" بولۇپ باھالاندى.

"ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 13 سائەت خىزمەت قىلىپ، ئەۋرىشكە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ماتېرىيالنى نىسبەت بويىچە تەڭشەش ۋە ھۈنەر-سەنئەتنى تەڭشەش-سىناش ئېلىپ بارىمىز." تونېل قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرىنى قايتا ياساش ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن ماتېرىيال ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، ھۈنەرنى كونترول قىلىش ناچار بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر ئالدىدا، تۈر مەسئۇلى شيۇڭ جيەندا بۇ "قاتتىق قىيىنچىلىق"نى ھەل قىلىشقا ئىرادە باغلىدى.

كارخانا قابىللارنى ئېلان قىلدى، ياشلاردىن قابىللار چىقتى، ئەمەلىي جەڭدە بەسلەشتى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇردى. ..مۇسابىقە مەيدانىدىكى "باڭ سوئالى" ناھايىتى تېزلا قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى "ھەقىقىي سوئال"غا ئايلاندى. تۈردە باڭ ئېلان قىلغان كارخانا − جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى 5 ـ ئىدارىسى 1 ـ شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ سەن مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىمىز تەجرىبىخانا ۋە قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى ئېچىۋېتىپ، قابىللار كوللېكتىپىنى قايتا ياساش ماتېرىيالىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش، ھۈنەر ـ سەنئەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى دەلىللەش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى ھەم تېخنىكا يېتەكچىسىنى پۈتۈن مۇساپىدە ھەمكارلىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ئەڭ ئاخىرىدا، كوللېكتىپ ئالاھىدە قاتتىق مەشغۇلات ئەھۋالى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قاتتىق، سۈركىلىشكە دەرىجىدىن تاشقىرى چىداملىق سىم ماتېرىيالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، جۇڭگو تۆمۈريول 5-ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە دەلىللىدى. سىناق ئارقىلىق، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى مەھسۇلاتنىڭ قاتتىقلىقى ۋە سۈركىلىشكە چىدامچانلىقى ئاساسىي ماتېرىيالدىن بىردەك ئېشىپ كېتىپ، تونېل جابدۇقلىرىنىڭ "ئۆمرىنى ئۇزارتىش-يېڭىلاش"نى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىشلەپچىقىرىش-تەتقىقاتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ سىجىل مۇكەممەللەشكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى.

ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ھوقۇق بېرىش، نەتىجىلەرنى باھالاش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئۇقۇمنى دەلىللەش، ئارىلىق سىناق ئارقىلىق دەلىللەش سۇپىسى زور كۈچ بىلەن قۇرۇلدى؛ ئالىي مەكتەپلەردە رايون تېخنىكا يۆتكەش-ئايلاندۇرۇش مەركىزى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پەن تەتقىقاتنىڭ كەسىپ ئېھتىياجىنى كۆزلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى؛ "ياش ئالىملارنىڭ 100 شەھەر سەپىرى"، " ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش"، "بەيگە تۈزۈمى" يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى...بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەر ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى تۇتاشتۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىننى تۇتاشتۇرۇپ، ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىپ، "يېڭىلىق يارىتىش كۈچى"نى "ئىشلەپچىقىرىش كۈچى"گە ئايلاندۇردى.

ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىگە قاراپ يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش

"قىممىتى بار تۈرلەردە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلىپلا قالماي، يەنە رېئال مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك، ئېنىق بولغان ئەمەلىي قوللىنىش ئورنى، دەلىللىگىلى بولىدىغان تەجرىبە ئاساسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئەلالاشتۇرۇش يولىغا ئىگە بولۇشى كېرەك." چىڭخۇا داشۆ ئاپتوماتلاشتۇرۇش شىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ليۇ شۇرەننىڭ بۇ سۆزى كەڭ ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

19-نۆۋەتلىك "رىقابەت لوڭقىسى" مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئىلمىي پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە، ليۇ شۇرەن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى "ئىشەنچلىك بولغان ئادەتتىن تاشقىرى تېز، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق ۋاقىت، ئادەتتىن تاشقىرى پەرقلىق مىكرو تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى" تۈرىگە تايىنىپ ئاساسىي گەۋدە مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

دەرىجىدىن تاشقىرى پەرقلەندۈرۈپ تەسۋىر ھاسىل قىلىشتىكى زامان-ماكان بەلبېغىنىڭ كەڭلىك جۇغلانمىسى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دەي چيۇڭخەينىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ كوللېكتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋاقىت تەرتىپى بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى ئېنىق مىكرو سۈرەت سانلىق مەلۇماتلار توپلىمىنى بەرپا قىلىپ، شەكلى ئۆزگىرىدىغان فازا بوشلۇقىنى توغرىلاش مېخانىزمى ھەم مۇناسىپ نېرۋا تورىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ خىل رەڭلىك تىرىك تەنچىنى دەرىجىدىن تاشقىرى پەرقلەندۈرۈپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋاقىت مۇساپىسىنى 30 ھەسسىدىن ئارتۇق كېڭەيتتى، 10 مىڭ ۋاقىت نۇقتىسىغا ئۇزارتتى.

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئادەم تەربىيەلەش دەرسخانىسى كەڭ زېمىنغا كېڭەيمەكتە.

"رىقابەت لوڭقىسى"، "ياشلىق دەۋرنى يارىتىش"، "گۈللىنىش لوڭقىسى" قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىلىرى ياشلارنى پەن تەتقىقات ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ پەن-تېخنىكا ھويلىسى، يۇقىرى ساپالىق ياش دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، دەرسخانىدا ئۆگىنىش بىلەن دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتى زىچ بىرلەشتۈرۈلدى؛ "ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى"، "ئاساسىي پەنلەر بويىچە سەرخىل ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى" قاتارلىقلار سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى؛ "تۆتنى ئاساس قىلىۋېلىشنى بۇزۇپ تاشلاش"، "يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش" ئالغا سىلجىتىلدى. ..ئادەم تەربىيەلەش تەدبىرلىرى ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، قابىلىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

"15-بەش يىل"دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كەڭ ياشلار ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان ئىلگىرىلەش روھى بىلەن، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، باش رول ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەپىرىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ