
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا "خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى"نى شەكىللەندۈرمەكتە. خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، تاموژنا باش مەھكىمىسى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، بۇ ئۇقتۇرۇش 2026-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى.
ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەن دۆلەت (رايون)دىن كەلگەن خادىملار ئەگەر يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقان بولسا ياكى قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، يۆتىلىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بويۇن قېتىپ قېلىش، پۇت-قولى ئاغرىش ۋە پۇتى بوشىشىش خاراكتېرلىك پالەچلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چېگرادىن كىرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، تاموژنا خادىملىرى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تېببىي تەدبىر قوللىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ