
تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە قانۇندا بەلگىلەنگەن C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تەۋە. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئانتىگېنلىق خۇسۇسىيىتى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىش سۈرئىتى تېز، مەكتەپ، يەسلى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئاسانلا يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. كىشىلەر توپى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، ياشانغانلار، بوۋاقلار، بالىلار، سوزۇلما كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار ۋە ھامىلىدار ئاياللار تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاسانلا ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشى بىرقەدەر ئېغىر سالامەتلىك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئىقتىسادىي يۈك پەيدا قىلىدۇ.
ئالتە ئايلىق ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان ھەمدە ۋاكسىنا ئەملەش چەكلەنمىگەن بارلىق كىشىلەرگە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتى ۋە كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خەۋپىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋە يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىمىز:
1.تېببىي خادىملار، جۈملىدىن كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ئاممىۋى سەھىيە خادىملىرى، سەھىيە كارانتىن خادىملىرى قاتارلىقلار؛
2. 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان ياشانغانلار؛
3. بىر خىل ياكى كۆپ خىل سوزۇلما كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار؛
4. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردىكى ئاجىز كىشىلەر توپى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر؛
5. ئالتە ئايلىق ۋە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار؛
6. ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە قارىغۇچىلىرى؛
7. يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى كىشىلەر توپى؛
8. ھامىلىدار ئاياللار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ