
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 9-ئاينىڭ 3-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز چەت ئەللەرنىڭ لىڭياڭ خادا تېشى ۋە ياگۇڭ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇ ھەقتە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، قايتا يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
گو جياكۇن: شىشا تاقىم ئاراللىرى جۇڭگونىڭ ئەزەلىي زېمىنى، ھېچقانداق تالاش-تارتىش مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدا زۆرۈر قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرۇشى ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ كەلسە-كەلمەس بىلجىرلاش ھوقۇقى يوق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ