جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: جۇڭگو پۇقرالىرى تايلاندقا بارسا يەنىلا 30 كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2026.09.03 14:05 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو پۇقرالىرى كۈچكە ئىگە پاسپورتى بىلەن تايلاندقا بارسا يەنىلا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 2026-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش ۋە كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا سەۋەبلەر بىلەن، ھۆكۈمەت ئىشى ئادەتتىكى پاسپورتى، ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو تەرەپ خادىملىرى تايلاندقا يەنىلا ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ، بىر قېتىملىق تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ (ھەر 180 كۈندە جەمئىي تۇرۇش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ).

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ