جۇڭگو تەرەپ ئاياللارنىڭ تىنچلىق مەدەنىيىتىدە ئۆزگىچە ۋە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2026.09.03 14:04 مەنبە: خەلق تورى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى "تىنچلىق مەدەنىيىتى ھەرىكەت پىروگراممىسى" يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ھەرىكەت پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى باھالاپ، ئاياللارنىڭ تىنچلىق مەدەنىيىتىدىكى رەھبەرلىك رولىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى سۈن لېي سۆز قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاياللار تىنچلىق مەدەنىيىتىدە ئۆزگىچە ۋە ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

سۈن لېي مۇنداق دېدى: ئاياللار ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، تىنچلىقنى قوغداش، تىنچلىق بەرپا قىلىشتا ئۆزگىچە ۋە ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئۆزگىرىشچان دەۋر، داۋالغۇش، ئۆزگىرىشكە تولغان دۇنيادا، ئاياللارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىنچلىق مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ