6-قېتىملىق جۇڭگو شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش باشلاندى

2026.09.03 14:04 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى، جۇڭگو ياشانغانلار جەمئىيىتى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 6-قېتىملىق جۇڭگو شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي سانلىق مەلۇمات كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ياشانغانلار ۋە ياشانغانلار تۇرۇشلۇق مەھەللە (كەنت)تىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق (تەيۋەن ئۆلكىسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، 2026-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلگىچە 60 ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەكشۈرۈش دائىرىسى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بولىدىكەن؛ تەكشۈرۈپ لايىھەلەنگەن ئەۋرىشكە مىقدارى 330 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي ئارىلاپ ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى تەخمىنەن ‰1 ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ