
9-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان، 56 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى 1800 دىن ئارتۇق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسى شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنى ئورگان تور بېكىتىدىكى (www.xjzk.gov.cn) ئېلاننى ئاساس قىلىدۇ. شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ساختا قوبۇل قىلىش ھېسابلىنىدۇ. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى سورايمىز. ئەگەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالدامچىلىق قىلمىشىغا يولۇقسا، شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىنىڭ نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى (8758128-0991) غا تېلېفون قىلسا ياكى گۇڭئەن ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلسا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ