يۈزدىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈرنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم يىلىغا 450 مىڭ يۈەن! جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ "كەلگۈسى چولپانلار پىلانى" قوزغىتىلدى

2026.09.02 14:41 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو پۇتبول تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 9 ـ ئاينىڭ 1-كۈنى "كەلگۈسى چولپانلار پىلانى" ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، بەش يىل ئىچىدە، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان يۈزدىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان چەت ئەلدە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلىدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پىلان «جۇڭگو ياش-ئۆسمۈر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى چەت ئەلدە تەربىيەلەش پىلانى (2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، "مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، سىستېمىلىق كاپالەتلەندۈرۈش، يوشۇرۇن كۈچكە ئەھمىيەت بېرىش، مۇسابىقىدىن كېيىن مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىش" پىرىنسىپى بويىچە، 15 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان يوشۇرۇن كۈچى بار جۇڭگو ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى كۇلۇبلارغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى قوللايدىكەن.

مەبلەغ جەھەتتە، بۇ پىلاندا ئۈچ دەرىجىلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۆلچىمى تەسىس قىلىنغان:

بىرىنچى دەرىجە (يىلىغا 450 مىڭ يۈەن) بولۇپ، ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقە زاپاس كوماندىسىدىكى ياش-ئۆسمۈر توپچىلارغا يۈزلەنگەن؛

ئىككىنچى دەرىجە (يىلىغا 350 مىڭ يۈەن) بولۇپ، گوللاندىيە، بېلگىيە، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق پۇتبول كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە زاپاس كوماندىسىدىكى ياش-ئۆسمۈر توپچىلارغا يۈزلەنگەن؛

ئۈچىنچى دەرىجە (يىلىغا 250 مىڭ يۈەن) بولۇپ، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەزالار جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك كۇلۇبلار زاپاس كوماندىسىدىكى ياش-ئۆسمۈر توپچىلارغا يۈزلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىلاننىڭ بۇ يىللىق ئىلتىماس قىلىش يولى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئاخىرلىشىدىكەن، ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن توپچىلارنىڭ تىزىملىكى بۇ يىل 11-ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن. كەلگۈسىدە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى، جۇڭگو پۇتبول تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى يەنە بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، چەت ئەلدىكى كۇلۇبلار بىلەن ھەمكارلىق تورىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەلدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ چەت ئەلدە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش ئېغىزىغا چېكىپ كىرىڭ: https://futurestar.thecfa.info/login

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ