
9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى «ئالاھىدە تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» ۋە «ئۆسمە كېسەللىكلىرى بويىچە تولۇق ئوزۇقلۇق رېتسېپلىق يېمەكلىكلەر» رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ ئىككى تۈرلۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ئالاھىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تېببىي يېمەكلىكلەرنى يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، رويخەتكە ئېلىپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ