سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى

2026.09.02 14:39 مەنبە: خەلق تورى

سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن سالونى ئارقىلىق مۇنداق بىلدۈردى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى ھەق تاپشۇرمايدۇ.

ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھادىسە يۈز بېرىپ زەخىملەنگەندىن كېيىن يەنىلا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، ئىشچى-خىزمەتچى ياكى ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئورۇننىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى (ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىش) زۆرۈر تەرتىپ ئەمەس.

«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 62-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشتا يارىلانسا، شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نىزامدا بەلگىلەنگەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىنات تۈرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ھەق تۆلەيدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ