
2026-يىللىق "مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى"نى تەشۋىق قىلىش، تاللاش پائالىيىتى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2026-يىللىق "مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى"نى تەشۋىق قىلىش، تاللاش پائالىيىتىدە ئون نەپەر "مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى" سايلاپ چىقىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋېيشىن سالونى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئېلان قىلىش ۋاقتى 2026-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە تېلېفون، فاكس، خەت-چەك، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پىكىر ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، تاللاش پائالىيىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
تېلېفون نومۇرى: 010-61002959
فاكس: 010-61002779
ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: zgjxwq@ 126.com
پوچتىدىن ئەۋەتىش ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى جۇشىكوۋ شەرقىي چوڭ كوچىسى 7-نومۇر، 100062

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ