
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قاھىرەگە بېرىپ مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىسىر «پىرامىدا گېزىتى»، «خەۋەرلەر گېزىتى»، «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»دە «70 يىل جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدۇق، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن نىل دەرياسى ئوزۇقلاندۇرغان مىسىردىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراققا 2 - قېتىم قەدەم قويۇشۇم. مىسىردا: «نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ باققانلار جەزمەن يەنە كېلىدۇ» دېگەن ماقال بار. ئون يىل ئىلگىرى مەن مىسىردا زىيارەتتە بولغاندا، مىسىرنىڭ قەدىمىي، قويۇق مەدەنىيلىكى، جۇش ئۇرۇپ يۈكسىلىۋاتقان قىياپىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. يەنە بىر قېتىم بېرىپ، زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن دوستلۇق ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو - مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ياخشى دوست تۇتسا، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ.» جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ۋە چاقناپ تۇرغان مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى تەقدىم قىلغان. چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋە نىل دەرياسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋە قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. فارفۇر ۋە يىپەك بۇيۇملار قاچىلانغان كېمىلەر دېڭىزدا توختىماي مېڭىپ تۇردى، كىمخاب كەشتە بېسىلغان كارۋانلار قۇملۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتتى. جۇڭگو ۋە مىسىر ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ كەلدى، قەدىمىي يىپەك يولى ئۇزاق يىللار داۋاملاشتى، دوستانە بېرىش - كېلىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. جۇڭگونىڭ يىپەك، فارفۇر بۇيۇملىرى ۋە قەغەز ياساش، مېتال تاۋلاش ھۈنەر - سەنئىتى غەربكە تارقالدى، مىسىرنىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى، سىرلانغان بۇيۇملىرى، ئاسترونومىيە كالېندارى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ شەرققە تارقالغان. مىسىر فۇستات خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان جۇڭگونىڭ قەدىمىي قاچا - قۇچا بۇيۇملىرى جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى زىچ ئالاقىسى ۋە چوڭقۇر دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولدى.
70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن مىسىر رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق دەرۋازىسىنى ئاچتى. 70 يىلدا بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپانى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەي، سۈپىتى ئۆزگەرمەي، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلاپ قالماي، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۆرنىكىگە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
− جۇڭگو بىلەن مىسىر باشتىن - ئاخىر بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان يېقىن قېرىنداشلار. مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئىنتىلىش، جاھانگىرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. مىسىرنىڭ سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشىدە، جۇڭگو كۈچلۈك مەدەت بەردى. يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىدە، مىسىر ئاسىيا - ئافرىقا - لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قەتئىيلىك بىلەن قوللاش بېلىتى تاشلىدى. ھازىر، جۇڭگو ۋە مىسىر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلاردا ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالماقتا.
− جۇڭگو بىلەن مىسىر باشتىن - ئاخىر ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىشەنچلىك ھەمراھلار. مىسىر جۇڭگونىڭ ئەرەب دۇنياسى ۋە ئافرىقىدىكى مۇھىم سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئەڭ بالدۇر قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 10 يىل ئىلگىرى، مەن زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچقان جۇڭگو - مىسىر سۇۋەيىش ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونى شۇ جايغا زور سېلىنما ۋە نۇرغۇن ئىش ئورنى ئېلىپ كېلىپ، مىسىرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىگە كۈچ قوشقان. جۇڭگو كارخانىلىرى مىسىردا ئافرىقىدىكى تۇنجى ئەڭ ئېگىز بىنانى سالدى ۋە ئافرىقىدىكى تۇنجى شەھەرلەر ئارا ئېلېكتىرلەشكەن يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريولنى ياسىدى، مىسىرنىڭ يېڭى چېڭزىسى جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويغاندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن ئافرىقا مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى نەتىجىلەر ئىككى دۆلەتتىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزدى.
− جۇڭگو بىلەن مىسىر باشتىن - ئاخىر دوستانە، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىلەر. مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا دۆلىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولدى. مىسىر چوڭ مۇزېيى قاتارلىقلار زور تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى «داكا» قىلىشقا جەلپ قىلدى، بۇلتۇر شاڭخەي مۇزېيى ئۆتكۈزگەن «قەدىمكى مىسىر مەدەنىيلىكى چوڭ كۆرگەزمىسى»نىڭ كىرىش بېلىتى قىس بولدى، جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى مىسىردىكى 40 نەچچە ئوتتۇرا مەكتەپتە ماكانلاشتى، كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقى مىسىردىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى.
ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك زامان - ماكاندىن ھالقىپ، سىجىل قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقتى.
− جۇڭگو بىلەن مىسىر باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلىدە بولىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان سەمىمىي دوستلار. 1955 - يىلى ئېچىلغان ۋەنلۇڭ يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت جاھانگىرلىككە ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پائال قوللاپ، ئاسىيا بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تەشەببۇس قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق نىشان ۋە ئىنتىلىشكە ئىگە، ئىككى تەرەپ پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.
جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ياراتماقتا. مىسىرنىڭ «يېڭى جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلۇشى قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇپ، «2030 - يىل ئارزۇسى»غا قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
بىز ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو - مىسىر دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان، جۇڭگو - مىسىر دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيىتى. بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلاردا ئۆزئارا داۋاملىق قوللاپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.
بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ چوڭ سانائەت سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، مەبلەغ، تېخنىكا، جابدۇق قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىكلەرنى ھازىرلىغان. مىسىرنىڭ نوپۇسى كۆپ، بايلىقى مول، بازىرى كەڭ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.
بىز ئۆز گۈزەللىكىمىزدىن زوقلىنىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پائال قوغداپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مائارىپ، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش رىشتىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو - مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيلىك كۈچى توپلىشى كېرەك.
بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم دۆلەت، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.
بىز قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىسىر جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىلىك ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، مىسىرنىڭ ئەرەب دۇنياسىنى تۇتاشتۇرۇش، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى»نى بەرپا قىلىش، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
70 يىل جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدۇق، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنايلى. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدا ئۆزئارا قوللاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ