شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى

2026.09.01 11:02 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش، قوشنا دۆلەت بولۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش باشتىن - ئاخىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم ۋە ئاساسىي رەڭ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل قېزىلما بايلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ يەنە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو دوستانە قوشنا دۆلەت، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى باش فاڭجېن، موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، سودا - سېلىنما، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ