شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى

2026.09.01 11:02 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى سىجىل ئۆستى، دەرىجىسى سىجىل ئاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن ئون يىلى»نى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش مەيدانىدا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش قىزغىن ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈزلۈكسىز زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچى بار. ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى بار، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ئۆزبېكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگەرسىمۇ بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سودا - سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ