
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 5-ئايدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىمىز ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم، قەدىمىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە، لېكىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۆزگەرگىنى يوق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون مۇقىملىقىنى قوغداش، رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، تەشكىلاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان كۈچنى زورايتىشنى خالايدۇ.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: داۋالغۇپ تۇرغان مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولدى، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، ئېنېرگىيە، سانائەت، قاتناش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە، جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رايون ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تەشكىلات ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ