ياپونىيە يەنە قويۇپ بەردى! 23-نۆۋەتلىك يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش باشلاندى، بېلىقچىلىق ساھەسىدىكىلەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى تۇرۇش ساداسى يەنىلا داۋاملاشماقتا

2026.09.01 14:42 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ياپونىيە دۇڭجىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى فۇداۋ 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2026-مالىيە يىلىدىكى 5-قېتىملىق يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى باشلىدى، بۇ ياپونىيەنىڭ 2023-يىل 8-ئايدا دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيانقى 23-قېتىملىق ھەرىكىتى.

ياپونىيە فۇداۋدىكى يەرلىك تاراتقۇ TUF تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 11 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، دۇڭجىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى باشلىغان. بۇ نۆۋەتلىك دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پىلانى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، قويۇپ بېرىلىدىغان يادرو بۇلغىما سۇ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 7800 توننا، تەركىبىدىكى رادىيوئاكتىپلىق تىرىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 1 تىرىليون 200 مىليارد بېكېرېل بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.

بىر ھەپتە ئىلگىرىلا، ياپونىيەنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنىڭ دېڭىزغا قويۇپ بېرىلگىنىگە "ئۈچ يىل" بولغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ياپونىيە دېڭىزغا 22 قېتىم يادرو بۇلغىمىسى قويۇپ بەرگەن، جەمئىي تەخمىنەن 173 مىڭ توننا قويۇپ بەرگەن؛ 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، فۇداۋ 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى زاۋۇت رايونىدىكى سۇ ساقلاش باكىدا يەنىلا تەخمىنەن 1 مىليون 235 مىڭ توننا ئالاقىدار سۇ ساقلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ