
"جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى"نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پىڭلياڭ شەھىرى جىڭنىڭ ناھىيەسى چېڭجى مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا 2026-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى "جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى" ئېلان قىلىندى. جايلار كۆرسىتىش، تورداشلار مۇھاكىمە قىلىش ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرغان، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان، چوڭلارغا ۋاپادار، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان 150 نەپەر ياخشى كىشى شەرەپ بىلەن تىزىملىككە كىردى. شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن سەككىز كىشى بۇ تىزىملىككە كىردى.
شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن سەككىز كىشى ئىچىدە، ئەيساجان نىزامىدىن، تيەن يې، ما لىڭلىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىگە كىردى؛ خې جياۋلۇڭ، دىلنۇر تۇرسۇنجان، خاۋ شياڭلى، لى چۇاڭيې، تاڭ پېيكې كەسىپنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىگە كىردى.
بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىش مۇراسىمىنى مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جۇڭگو مەنىۋى مەدەنىيلىك تورى، كىنو قانىلى پىروگرامما مەركىزى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (گەنسۇ ئۆلكىلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پىڭلياڭ شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (پىڭلياڭ شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى) ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ