دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى سىجىل ياخشىلاندى

2026.09.01 14:46 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «دۆلىتىمىزنىڭ 2025-يىللىق سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى يېڭىدىن ئېلان قىلدى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79.25 ياشقا يەتكەن، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى سىجىل ياخشىلانغان. ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكى سىجىل يېنىكلىگەن. دوختۇرخانىلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئوتتۇرىچە ئامبۇلاتورىيە خىراجىتى، بالنىستتا يېتىش خىراجىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن قوش تۆۋەنلىگەن، ئاساسىي قاتلام ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولغان، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئوتتۇرىچە ئامبۇلاتورىيە خىراجىتى 150.1 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.7 تۆۋەنلىگەن؛ يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئوتتۇرىچە ئامبۇلاتورىيە خىراجىتى 79.4 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %9.4 تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 108 مىڭغا، سەھىيە تېخنىكا خادىملىرى 13 مىليون 455 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا دىياگنوز قويۇپ داۋالانغانلار ئومۇمىي سانى 10 مىليارد 650 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، ھاۋالىلىك بېقىش، ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمىتى تەمىناتى سىجىل كېڭەيتىلگەن، سۈپىتى ئۆستۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ