
يېقىندا خەلق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق قايتىش سەپىرىگە چىققان يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، لېكىن ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسمىدى، قىسمەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ئەكسىچە ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتى پەيدا بولدى. مۇخبىر تور ساياھەت سۇپىسىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن شېنجېنغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئىزدىگەندە، شۇ كۈنى زاكاز قىلغان ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسىمۇ ئاران 500 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، بېيجىڭدىن شاڭخەي، چېڭدۇ، خاڭجوۋغا بارىدىغان بېلەت باھاسىمۇ تەخمىنەن 300 يۈەن بولغان.
تۇڭچېڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۆ بىڭبىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ قايتىش يۇقىرى پەللىسىدە بېلەت باھاسى ئۆرلىمىدى. بۇ يىل يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ توشۇش كۈچى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، نۆۋەتتە كۆرۈنەرلىك ئازايمىدى. ئېھتىياج جەھەتتىن قارىغاندا، قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، قىسمەن نۇقتىدىن نۇقتىغا بولغان ئېھتىياجغا تەۋە، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىمۇ بىرقەدەر تارقاق، شۇڭا پۈتكۈل بازاردىن قارىغاندا، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج جىددىي ئەمەس، ھازىر بېسسىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ سەپەرگە چىقىدىغان ياخشى پەيت.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ