دۇنيادىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى

2026.08.31 14:30 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايلىق ئاخبارات شىركىتى Altrata نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى مىليادىرلارنىڭ سانى 3795 كە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان؛ مىليادىرلارنىڭ ئومۇمىي بايلىق سوممىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.8 ئېشىپ، 15 تىرىليون 100 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ئوخشاشلا رېكورت يېڭىلانغان. بۇ مىليادىرلار ئىچىدە مۈلكى 50 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلاردىن 29 ى بار بولۇپ، ئۇلار لارى پېچ، ئېلون ماسك ۋە جېف بېزوس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ