مۇساپە ئىككى سائەتتىن كۆپرەك قىسقىرايدۇ! شىنجاڭنىڭ بۇ تاشيول قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى

2026.08.31 14:32 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، دۆلەت تاشيولى 218-لىنىيەسىنىڭ ناراتتىن بالغۇنتايغىچە بولغان تاشيولىنىڭ 1-بۆلىكىدىكى ئارشاڭ چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، نۆۋەتتە نارات بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش سۈرئىتى %95 تاماملاندى، پۈتۈن لىنىيەنى 2027-يىلى پۈتتۈرۈش پىلانلاندى.

ناراتتىن بالغۇنتايغىچە بولغان تاشيول ئىلى دەريا ۋادىسى بىلەن كورلىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرىدىن باشلىنىپ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 215.391 كىلومېتىر. پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ناراتتىن بالغۇنتايغىچە بولغان مۇساپە بەش سائەتتىن ئىككى سائەتكە قىسقىرايدۇ ھەمدە S12 ئىدىقۇت (تۇرپان)-توقسۇن-بالغۇنتاي تاشيولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ ماڭىدىغان تېز سۈرئەتلىك چوڭ تاشيول بولۇپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ