
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يانغا ئېگىلىشىنى ئولتۇرۇش قىياپىتى ۋە ئۆرە تۇرۇش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق نەنگو كىتابخۇمارلار بايرىمىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانا داشۆچېڭ دوختۇرخانىسى ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن شۇدۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يانغا ئېگىلىشى كۆپىنچە يېتىلىش ئامىلىدىن كېلىپ چىقىدۇ، توغرا بولمىغان قىياپەت يانغا ئېگىلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەرگىزمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مەنبە ئەمەس.
چېن شۇدۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ياشلار-ئۆسمۈرلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا تىك ئولتۇرۇش ۋە ئۆرە تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ، ئېگىزلىكى مۇۋاپىق ئۈسەل ئىشلىتىشى كېرەك؛ سومكا سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ئومۇرتقا مۇھاپىزەت تاختىسى، قاتتىق تەگلىك تاختا، بېسىم تۈگمىسى بار ئومۇرتقىنى قوغداش نۇسخىسىنى تاللىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سومكىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنى چوقۇم كونترول قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش سەۋەبىدىن بەدەن ھالىتىنىڭ زىياغا ئۇچراپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يېتىلىشىگە زىيان يېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يانغا ئېگىلىش ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى رېنتىگېندا سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ. ئېگىلىش گىرادۇسى بىرقەدەر يېنىك بولسا ھەرىكەت قىلىش، بەدەن ھالىتىنى تۈزەش ئارقىلىق ئارىلىشىشقا بولىدۇ؛ يانغا ئېگىلىش گىرادۇسى بىرقەدەر يۇقىرى بولسا، تىرەك تاقاپ تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بەدەن ھالىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ