نۇرغۇن جاي نىزام چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفوننى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشىنى چەكلىدى

2026.08.31 14:31 مەنبە: خەلق تورى

دىققەت! دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ھەرىكەتكە كەلدى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە يانفون ئېلىپ كىرىشى چەكلىنىدۇ

بۇ مەكتەپ قائىدىسى ئەمەس، بەلكى قانۇن-نىزام

2026-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشى ياكى مەكتەپ ئىچىدە ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تور ئىشلىتىش قىلمىشىنى قاتتىق كونترول قىلىسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

چۇڭچىڭلا ئەمەس، فۇجيەن قاتارلىق جايلارمۇ قانۇن چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفوننى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشىنى چەكلىدى. 2022-يىلى فۇجيەن ئۆلكىسى نىزام چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفون (تېلېفون قول سائىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشىنى چەكلىدى. 2024 ـ يىلى گۇاڭجوۋ شەھىرى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفوننى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشىنى چەكلەش نىزامى چىقاردى. 2024 ـ يىلى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىمۇ قارار چىقىرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يان تېلېفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت قاتلىمىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2021-يىلىلا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شەخسىي يان تېلېفوننى پىرىنسىپ جەھەتتە مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشىگە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەرنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. 2025-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم تەدبىر چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە "يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشنى قاتتىق چەكلەش" تىلغا ئېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ