ئەڭ يېڭى تەڭشەش! يەنە بىر جايدا بىيولوگىيە، جۇغراپىيە دەرسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2026.08.31 14:30 مەنبە: خەلق تورى

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىمتىھان باھالاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش ئارقىلىق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى قىسمەن ئىشلارنى تەڭشەش قارار قىلىنغان.

2026-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى 8-يىللىق (تولۇقسىز 2-يىللىق) ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ، بىيولوگىيە، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق ئۈچ پەن ئىمتىھان پەنلىرىدىن تەكشۈرۈش پەنلىرىگە تەڭشىلىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى دەرىجە شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، باشقا ئىشلار ئۆزگەرمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ