
مۇخبىرىمىز ليۇ شىنۋۇ
گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىدى، لىق يۈك بېسىلغان دېڭىز-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا جايلاشقان گويۈەن پورتىدىن يولغا چىقتى. ئىككى كۈندىن كېيىن، پويىز گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋ پورتىغا يېتىپ كېلىپ، ماللار خەلقئارا يۈك پاراخوتىغا قاچىلىنىپ، مالايسىيادىكى پورتقا قاراپ يولغا چىقتى.
چۇڭچىڭ مېيليەن خەلقئارا ئامباردا ساقلاش-تىرانسپورت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى خې داۋگو مۇنداق دېدى:«كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ‹بىر تالون تۈزۈمى›ى بولغاچقا، تىرانسپورت ئۈنۈمى كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.»
ئىلگىرى بىر مال ماڭدۇرۇشتا، يۈك تىرانسپورت شىركىتى تاشيول، تۆمۈريول، پورت قاتارلىقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇراتتى، كۆپ تالون كېسىلەتتى، قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتىدىكى يۈك ساندۇقىمۇ ھەممىباب بولمىغاچقا، پورتتا يۈك ساندۇقى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ھاۋالىلىك توشۇغۇچى تەرەپ بىر كۇنۇپكا بىلەنلا زاكاز چۈشۈرىدىغان، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى پۈتۈن جەريانغا مەسئۇل بولىدىغان بولدى، بىر پارچە يۈك توشۇش تالونى ھەرقايسى ھالقىلاردا راۋان ئوبوروت قىلىنىپ، مالدا «پورتقا كەلگەندە يۈك ساندۇقى ئالماشتۇرماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىۋاسىتە پاراخوتقا چىقىرىلىدىغان بولدى.
مالنىڭ راۋان توشۇلۇشى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇقلۇق سودا قائىدىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت «بىر تالون تۈزۈمى»نى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئەشيا ئوبوروتىدىكى «ھالقا كۆپ بولۇش، ئايلىنىش ئاستا بولۇش، تەننەرخ يۇقىرى بولۇش»تەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.
جازىلىق ئاسما كىران تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلدى، نۆۋەتچى پويىزلار يولغا چىقىشقا تەييارلاندى، يۈك پاراخوتى ئاستا-ئاستا قىرغاققا يېقىنلاشتى... نېپىز بىر تالون كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇردى.
ئۆزگىرىش بۇلا ئەمەس. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنىڭ تىجارەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە، ئېكراندا مال ئىزى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ، پۈتۈن مۇساپىنى تەكشۈرگىلى، كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
چۇڭچىڭ يېڭى تېخنىكىغا تايىنىپ، رەقەملىك تالون ئۈستىدە زەنجىرسىمان ئىسپات ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر قېتىملىق مالنىڭ توشۇلۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان بولدى. ھازىرغا قەدەر، رەقەملىك تالون ئۈستىدە زەنجىرسىمان ئىسپات ساقلانغانلىرى 21 مىڭدىن ئېشىپ، مال قىممىتى 7 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، «بىر تالون تۈزۈمى»نىڭ مال تۈرىدىكى ماللار پاراللېل ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن كاۋچۇك، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيدى؛ بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلى دەريا-دېڭىز، تاشيول-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىغىچە ئۇزارتىلىپ، مۇلازىمەت تورى شەرقىي ئاسىيا، ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق رايونلارنى قاپلىدى؛ ماللارنى ئومۇميۈزلۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى %40 قىسقاردى.
مالنىڭ راۋان توشۇلۇشى يەنە مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.
چۇڭچىڭدىكى بىر يېڭى ماتېرىيال پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى زاڭ خۇڭخۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى، ماللار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىز ئالدىن پۇل تۆلەپ تۇراتتۇق، مال پورتقا كەلگەندە، تالونلار تولۇق بولغاندا ئاز دېگەندە يېرىم ئايدا ئاندىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇلىنى ئالالايتتۇق.»
بۇ، ئىلگىرى نۇرغۇن تاشقى سودا كارخانىلىرىنى ئورتاق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ئۇزاقتىن بۇيان، دېڭىز تىرانسپورتى تالونى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مال ھوقۇقى ئىسپاتى بولۇپ، كارخانىلار تالونغا ئاساسەن بانكىدا راسچوت قىلسا، رەنىگە قويسا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرسە بولاتتى، ھالبۇكى تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قۇرۇقلۇق تىرانسپورت تالونلىرى پەقەت مال تىرانسپورت ئەھۋالىنىلا ئىسپاتلاپ بېرەلەيتتى، نەرسە ھوقۇقى كۈچىنى ھازىرلىمىغانىدى، شۇنداقلا راسچوت قىلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايتتى، كارخانىلار دائىم مەبلەغ ئوبوروتى بېسىمىغا دۇچ كېلەتتى.
قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «فىزىكىلىق تۇتاشتۇرۇش»تىن «قائىدىنى جىپسىلاشتۇرۇش»قا قەدەم قويدى.
چۇڭچىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى باشلامچىلىق بىلەن سىياسەت چىقىرىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇقلۇق تىرانسپورت تالونى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تالونىنى راسچوت قىلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاساسى قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى. چۇڭچىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم مىسالى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇقلۇق يولى تالونىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولۇش خۇسۇسىيىتىنى بېكىتىپ، قۇرۇقلۇق سودا قائىدىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار قائىدە بوشلۇقىنى تولدۇردى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، گۈللىنىش بانكىسىنىڭ چۇڭچىڭ شۆبە بانكىسى بۇ يېڭى ماتېرىيال پەن-تېخنىكا شىركىتىگە «بىر تالون تۈزۈمى» بويىچە سودا مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى بېجىرىپ بەردى، 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئۈچ كۈندىلا ھېساباتقا كىردى. زاڭ خۇڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«قۇرۇقلۇق تىرانسپورت تالونىغا ئاساسەنلا قەرز پۇل ئالغىلى بولىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشتىكى كەمتۈكلۈك ۋاقتىدا تولۇقلاندى، بېسىم خېلىلا ئازايدى.»
ھازىرغىچە، چۇڭچىڭدا «بىر تالون تۈزۈمى» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق بانكىسى 11 گە كۆپەيدى، «قۇرۇقلۇق-دېڭىز بىر تالون قەرزى» قاتارلىق كۆپ خىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەمئىي يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلىغى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىغا پۇل مۇئامىلە «ھاياتلىق سۈيى» قوشتى.
ھەرقايسى ئورۇنلار بىر نىيەتتە ھەمكارلاشتى، چۇڭچىڭ تاموژنىسى تۆمۈريول قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر توسۇقىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئالاقىدار تارماقلار يەنە دۆلەت ئىچى قانۇنىنى خەلقئارا ئەھدىنامە بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تالون قائىدىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
چۇڭچىڭ شەھەرلىك سودا كومىتېتى ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېڭ شىلۇەن مۇنداق دېدى: «‹15-بەش يىل› مەزگىلىدە، بىز خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە يەنىمۇ ئۇدۇللىشىپ، تىرانسپورت ئۆلچىمى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ماجىرالارنى ھەل قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئاقىللاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ