
ئىسپانىيە بىېنېنا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە، ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئالىكەنت ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىېنېنا مۇزېيى ئوغرىلانغان، مۇزېيدا ساقلانغان "بىېنېنا خەزىنىسى"دىكى كۆپ قىسىم ئالتۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئوغرىلانغان.

بىېنېنا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى سەھەر سائەت 05:16 ئەتراپىدا، مۇزېينىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قوزغىتىلدى. ساقچى تەرەپ ئارقىدىن نەق مەيداننى قامال قىلىپ، بارماق ئىزى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىدى ھەمدە كۆزىتىش سىنئالغۇسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئالدى. شۇ جايدىكى تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: ئوغرى دېرىزىنى چېقىپ مۇزېيغا كىرگەن، دېلو سادىر قىلىش جەريانى پەقەت نەچچە مىنۇتلا داۋاملاشقان. بىېنېنا شەھىرىنىڭ باشلىقى سېردان ئوغرىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ ياۋرو ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ