
ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭنىڭ "تىيانشان" ناملىق كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ماركىسىدىكى نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 590 قېتىم قاتناپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ 10 مىليارد 129 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.82 ئاشتى.
شىنجاڭنىڭ "تىيانشان" ناملىق نۆۋەتچى پويىزى 2023 ـ يىل 12-ئايدا تۇنجى قېتىم قاتنىغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئىقتىساد ـ سودا تۈگۈنىگە ئايلاندى. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەۋقەنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە قويۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى ئاساسىي تۈگۈن قىلىپ، قاتناش تورىنى ئىلمىي پىلانلاپ، پىشىپ يېتىلگەن ئاسىيا ـ ياۋروپا تىرانسپورت يولىدىن ئالتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى چوڭ تومۇرىنى بەرپا قىلدى.
تىجارەت ئەندىزىسى جەھەتتە، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنى ئاساسىي بېكەت قىلىپ، سەنپىڭ ۋوگزالى، غۇلجا ۋوگزالى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، كۆپ بېكەتتىن ھەمكارلىشىپ توشۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككىدىن ئارتۇق پويىزنى مۇقىم ماڭدۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ