2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى ساپالىق كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرىدىن 2000نى يېتىشتۈرىدۇ

2026.08.28 14:38 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2026-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى ساپالىق كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرىدىن 2000 نى يېتىشتۈرۈپ، 20 قارار مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يۆنىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يادرو، ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نەرسە ۋە ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، ئىش ئورنى ئېھتىياجى بىلەن يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 400 نى تاللاپ، ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردىكى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر يىللىق ئالاھىدە تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەيدۇ. مائارىپ، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەنئەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە تۈۋرۈك كەسىپلەردە جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە ئاساسىي قاتلامدا ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلغان، يېتىشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى بار كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرىغا مۇۋاپىق مايىللاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ