
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونىدا ئوقۇتۇش باشلاشقا بىر يىل قالغاندىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى بېيجىڭدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان تۆت ئالىي مەكتەپنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى بېيجىڭ قاتناش داشۆسى، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسى ۋە جۇڭگو گېئولوگىيە داشۆسى (بېيجىڭ) ئىكەن. يىغىندا مۇنداق بىلدۈرۈلدى: 2027-يىل 9-ئايدا قەرەلىدە، بىخەتەر، يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش باشلاش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تارقاقلاشتۇرۇپ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش جېڭى باشلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ