
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىزاڭ رىكازى شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسىنىڭ جىلۇڭ پورتىدا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش، يول، خەۋەرلىشىش، توك ئۈزۈلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا تۆت مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئامما ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن ھال سوراشقا ئىشلىتىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ياردەم بېرىش خىزمىتىگە كۈچ قوشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ