كۆپ تەرەپتىكى كۈچلەر شىزاڭنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىگە توپلاندى

قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تەشەببۇسكارلىقى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈلدى

2026.08.28 14:35 مەنبە: خەلق تورى

8 -ئاينىڭ 26-كۈنى، شىزاڭنىڭ رىكازې شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىدى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايونلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى.

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى شىزاڭغا خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 8 لەرگىچە، 1-تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچىدىن 141 كىشى جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى.

دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى جەمئىي 681 ئادەم، 113 ئاپتوموبىل، 13 ئىت، 47 ئادەمسىز ئۇچقۇنى نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 16 گىچە، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى جىلۇڭ بازىرىغا يېتىپ باردى، نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىزاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى 108 كىشىنى چېگرا ئېغىزىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئەۋەتىپ، ئادەمسىز ئۇچقۇدىن پايدىلىنىپ ئالتە رايونغا بۆلۈپ يادرولۇق رايوننى ئۆلچەش-سىزىش، رازۋېدكا قىلىشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى گۇرۇپپا، 17 كىشىلىك ئالدىنقى سەپ زەربىدار قوشۇنىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى نەق ۋاقىتتا ئۇچۇر توپلاش، نەق مەيدان سۈرىتى ۋە سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئىلگىرىلەپ، بىر تەرەپتىن رازۋېدكا قىلىپ، بىر تەرەپتىن بىر تەرەپ قىلىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تەشەببۇسكارلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈردى.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 20 گىچە، شىزاڭ چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ 14 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى كەنتتىكى ئاممىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىشىگە جىددىي ياردەم بېرىپ، جىلۇڭ بازىرى لاۋجياڭ كەنتىدىكى 42 كەنت ئاھالىسىنى جىلۇڭ بازىرىغا چېكىندۈردى، سالې يېزىسى گوبا كەنتىدىكى 180 كەنت ئاھالىسى، سېچيۇڭ كەنتىدىكى 105 كەنت ئاھالىسى، لابى كەنتىدىكى 161 كەنت ئاھالىسىدىن بولۇپ جەمئىي 446 كىشىنى سالې يېزىسىنىڭ سالې كەنتىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى.

11 -ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17 گىچە، شىزاڭ گۇڭئەن ئورگىنى ئاپتونوم رايون، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگىنىدىن جەمئىي 299 نەپەر ساقچى كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يۆتكەپ نەق مەيدانغا ئەۋەتتى. جىلۇڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ۋە جىلۇڭ چېگرا ئېغىزى گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسىدىن جەمئىي 28 خەلق ساقچىسى ئاپەت ئېغىر بولغان دۆلەت دەرۋازىسى رايونىغا يېتىپ بېرىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزدى.

شىزاڭ قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان G216 تاشيول لىنىيەسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان يول بۆلىكىدە لاي-لاتقىلارنى تازىلاپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 18 گىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان يول بۆلىكىدە 800 مېتىر ئەتراپىدا قاتناش جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى قايتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىشقا تەشكىللىدى. ھەرقايسى تېلېگراف كارخانىلىرى جىددىيەت ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىلۇڭ ناھىيەسىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن يۈن-20 ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى مەلۇم ئېگىزلىك ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى، ئايروپىلانغا ئولتۇرغان غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، بىرلەشمە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، سىچۇەن زىگۇڭ بىلەن شىزاڭ رىكازېدا دائىمىي تۇرۇشلۇق يىلۇڭ ناملىق ئىككى ئادەمسىز ئۇچقۇ ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خەۋەرلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى كۈچ ئۇلاپ ئىجرا قىلغان.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 6 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CA071 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سىچۇەن چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 8 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە رىكازې دىڭرى ئايروپورتىغا قونۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بويىچە تۇنجى ھۆددە ئايروپىلانى ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئايروپىلاندا 122 كىشى، 131 دانە جەمئىي 3494 كىلوگىرام كېلىدىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە يۈك-تاق (ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ئىتىدىن تۆتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) توشۇلدى.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن بىللە داۋالاش-سەھىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ كەسپىي تېخنىك خادىملىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش دورىلىرى ۋە كەسپىي ئاپتوموبىللارنى ئېلىپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى؛ جىلۇڭ ناھىيەسى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى ساگا ناھىيەسى، نيېلامۇ ناھىيەسى، دىڭرى ناھىيەسىدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، داۋالاش خادىملىرى ھەم پىسخىكا خىزمەتچى خادىملىرىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا جىددىي يېتىپ بېرىشقا تەشكىللىدى، يۆتكەپ ئەۋەتتى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى ئېچىپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك-دىجورنىلىق قىلدى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 13 تە شىزاڭغا قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە 4-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى قايتۇرۇشنى باشلىدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى جىلۇڭ ناھىيەسىگە توسۇلۇپ قالغان كۆلنىڭ خەتىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ياردەملىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، ماسلاشتۇرۇپ ئەۋەتكەن سۇ رايىنى جىددىي تاقابىل تۇرۇش كۆزىتىپ ئۆلچەش ئەترىتى نەق مەيداندا زىچ كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.

پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى قوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە، كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش تەكرار قەرز پۇل سوممىسىنى يېڭىدىن 5 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا جەمئىي 2500 قۇر (يۈرۈش) چېدىر، ئائىلە ياردەم سومكىسى، تازىلىق سومكىسى، يوتقان-كۆرپە، قاتلىما كارىۋات، دالا كىيىمى قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ بەردى؛ جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى جەمئىي 5500 يەشىكتىن ئاتۇق مىنېرال سۇ، تەييار چۆپ، قېزا، سۈت ياردەم قىلدى.

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جىلۇڭ ناھىيەسىنىڭ جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىدا 27-چېسلا كېچىدە ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن ۋاقىتتا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن؛ 28-چېسلا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن ۋاقىتتا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن؛ 29-چېسلا ئازراق ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن ۋاقىتتا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ھۆل-يېغىن كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىدىكەن. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئىككىنچى قېتىملىق لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ۋە تاغ سىيرىلىش قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى جىلۇڭ ناھىيەسى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مېتېئورولوگىيە كاپالەت مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

(گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىدىن چيوڭدا جوگا، ليۇ ۋېنشىن، شېن تۇڭرۇي، شۈ يۈياۋ، چى يۈكۇن، جاڭ تيەنپېي، جىن جېڭبو، چيۇ چاۋيى، بەي جيەنفېڭ، ۋاڭ خاۋ، دېڭ جيەنياڭ، ۋۇ چيۇيۈ، شېن شاۋتيې، لى خۇڭمېي، جياڭ شۆخۇڭلار خەۋىرى، دېڭ دۇڭجى يېزىشقا قاتناشقان)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ