شى جىنپىڭ 2026- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قىرغىزىستاندا، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى

2026.08.27 14:24 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2026- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋەن چيەنيى، ما جويەن) 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 8-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2026-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە رايون ھەمكارلىقى يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

لىن جيەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلاندى. بۇ يىل بېشكەك باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ھازىرقى مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش توغرىسىدا يىرىك پىلان تۈزىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، بېشكەك باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان تاغ - دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنىلار، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك ياخشى ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 34 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئالاقە قىلىپ، بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا بىر - بىرىنى قوللاش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

لىن جيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى، خەلقئارا ھەمكارلىقى قويۇق، كۈچلۈك بولدى. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىيات «ئالتۇن مەزگىلى»گە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ھەم تۈرلۈك دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا لىن جيەن مۇنداق دېدى: مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا دۆلىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى كۆپەيدى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى زىچ، ئۈنۈملۈك بولدى. جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلنى كۈتۈۋېلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ مىسىردا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق مىسىر تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ