شى جىنپىڭ شىزاڭ رىكازى شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسىنىڭ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىزدەپ-قۇتقۇزۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى

2026.08.27 14:23 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، نېپال تەرەپتە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبېرىش سەۋەبىدىن، شىزاڭ رىكازى شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسىنىڭ جىلۇڭ پورتىدا ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلدى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى جىددىي ئىش ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئاپەت تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانىنى ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچ تەشكىللەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەتەرگە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا، تەرتىپلىك يۆتكەش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە مۇۋاپىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھازىر يەنىلا ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە خەتەرنى تۈگىتىپ، ئاپەتتىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شىزاڭ كۈچ تەشكىللەپ نەق مەيداندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ