ئۆگزىسى رەسمىي يېپىلدى! شىنجاڭدىكى بۇ ۋەندا مەيدانى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە

2026.08.27 15:53 مەنبە: خەلق تورى

8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ ۋەندا مەيدانى تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى رەسمىي يېپىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەينياۋخۇ ۋەندا مەيدانى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تۇڭدا كوچىسىغا جايلاشقان. بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يېپىلغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش ئىككىلەمچى قۇرۇلما، ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە بېزەش قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2027 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا تىجارەت باشلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ