شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى رەسمىي تاپشۇرۇلدى

2026.08.27 14:35 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىدە يەككە تۈر بويىچە مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى بىردەك ئەڭ چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش − شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەننىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە رەسمىي ئىش تاپشۇرۇلدى.

شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەننىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق "ئاچقۇچ تاپشۇرۇش" تۈرى بولۇپ، جەمئىي 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر، يېڭىدىن 130 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى سېلىنغان، بۇ، سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبە بىناسى، چوڭ تىپتىكى كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق سەككىز چوڭ يەككە ئىمارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردە 2024-يىل 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2026-يىل 7-ئايدا ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ