
سودا مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ لىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن % 7.5 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ "ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى"نى باھانە قىلىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 ئىقتىسادىي گەۋدىگە 301 تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇردى، بۇ، تىپىك يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ كېيىنكى تەدبىرلىرىگە داۋاملىق يېقىندىن دىققەت قىلىمىز ھەمدە ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىمىز ھەمدە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ