
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا سىۋېزىلاندقا ۋاقتىنچە بارماسلىقنى ئەسكەرتكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى. لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى توغرىسىدا تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، ھازىرقى سىۋېزىلاندنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان بولغاچقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن باھالىغاندىن كېيىن بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ